ھەمەك نان
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بەش كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام، سۇ ئىككى يېرىم كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
خېمىرنى چىڭراق يۇغۇرۇپ، ياخشى ئىشلەپ، بولدۇرۇپ، بىر يېرىم كىلوگرام زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، 10 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا كېڭەيتىپ، غەلۋىردەك چوڭ نان تەييارلىنىدۇ.
2. قىزىتىلغان تونۇرغا تۇز سېپىپ ھاۋىسىنى تەڭشەپ، ناننى گەزنىگە تەكشى قويۇپ يېقىپ، سىڭدۈرۈپ پىشۇرۇلىدۇ.