UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىپىيازلىق زاغرا نان

پىيازلىق زاغرا نان

ئۇيغۇر تائاملىرى سېرىق قوناق ئۇنى بەش كىلوگرام، سۇ ئىككى يېرىم كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق، پىياز ئىككى كىلوگرام. قوناق ئۇنغا تۇز قۇيۇپ، قىزىق سۇدا خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر سوۋۇغاندا، ئۇنىڭغا ئۇششاق نېپىز توغرالغان پىياز ئارىلاشتۇرۇپ يېرىم سائەت تىندۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن 175 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ قوناق ئۇنىدا قۇرغۇنلاپ ئىككى سانتىمېتىر قېلىنلىقتا دۈگىلەك نان ياساپ، يۈزىگە پىياز سۈرتۈپ تەييارلىنىدۇ. 2. تەييارلانغان ناننى قىزىغان تونۇرغا يېقىپ جۆۋەندە نانغا ئوخشاش پىشۇرىمىز. پىشۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى