ئاچچىق - چۈچۈك يېسىۋېلەك
ئۇيغۇر تائاملىرى
يېسىۋېلەك ئۆزىكى 500 گرام، زەنجىۋىل كىچىكرەك بىر پارچە، قۇرۇق قىزىل لازا ئىككى - ئۈچ تال، تۇز بەش گرام، شېكەر 15 گرام، ئاچچىقسۇ 20 گرام.
1. يېسىۋېلەك ئۆزىكىنى پاكىز يۇيۇپ سۈيى ساقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن ئۇزۇنىسىغا تۆت سانتىمېتىر، كەڭلىكى ئىككى سانتىمېتىر قىلىپ توغرىلىدۇ. ئاندىن قايناق سۇغا بېسىپ ئېلىپ تۇزلاپ، 10 مىنۇت دۈملەپ سۈيى ساقىتىلىدۇ.
2. لازىنى ئادالاپ يۇيغاندىن كېيىن ئۇششاق چاناپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
3. ياغ چۈچۈگەندىن كېيىن يېسىۋېلەككە لازا ئارىلاشمىسىنى قۇيۇپ 10-5 مىنۇت ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن شېكەر قوشۇپ تەييارلىنىدۇ.