UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىپىدىگەن دۈملىمىسى

پىدىگەن دۈملىمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇششاق چانالغان قوي گۆشى 140 گرام، سۇڭپىياز ئىككى تال، چەيزە تۆت تال، پۇرچاق ئۇنى مۇۋاپىق، سۇ يېغى 70 گرام، شاكال بەدىيان بەش تال، جاڭيۇ ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، كاۋاۋىچىن يېغى ئىككى قوشۇق. 1 . قازانغا 15 گرام ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل سېلىپ سارغايتىپ، گۆشنى سېلىپ قورۇپ 80 پىرسەنت پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ. 2. چەيزىنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇزۇنلۇقى تۆت سانتىمېتىر، كەڭلىكى ئىككى سانتىمېتىر ئۇزۇنچاق يالپاق توغراپ، ئىككى يۈزىگە گۈل چىقىرىپ، ياغقا سېلىپ ئاچ سېرىق سارغايتىلىدۇ. 3. پىشۇرۇلغان چەيزىنىڭ بىر قىسمىنى چوڭقۇر قاچىغا رەتلىك تىزىپ، قورۇلغان گۆشنى چەيزىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، چەيزىنىڭ قالغان قىسمىنى يەنە ئۈستىگە تىزىپ، جاڭيۇ، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، شاكال بەدىيان سېلىپ، قاسقانغا قويۇپ 10 مىنۇت دۈملىنىدۇ. دورا - دەرمەكلەرنى ئېلىۋېتىپ، قاچىدىكى خۇرۇچ تەخسىگە كۆمتۈرۈلىدۇ، شورپىنى قازانغا قۇيۇپ، جاڭيۇ، پۇرچاق ئۇنى سېلىپ، كاۋاۋىچىن يېغى سېپىپ تەڭشەلگەن پىششىق شورپا ياساپ، تەخسىدىكى چەيزىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
پىدىگەن دۈملىمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki