بۆرەك قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوينىڭ بۆرىكى ئالتە تال، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، پۇرچاق ئۇنى 70 گرام، جاڭيۇ ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، پالەك بىر تۈپ، سامساق تۆت چىش، ئەبجەش ياغ 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، سوققان لازا ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاچچىقسۇ ئازراق.
1 . بۆرەكنىڭ سىرتقى پەردىسىنى يۇيۇۋېتىپ، ئوتتۇرىدىن يېرىپ سېسىق تومۇرلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئۈستىگە قىيپاش تور شەكلىدە گۈل چىقىرىپ، تېتىتقۇ، تۇز، جاڭيۇ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ.
2. سۇڭپىيازنى نېپىز يالپاقلاپ توغراپ قويۇلىدۇ؛ شورپىغا سوققان لازا، قارىمۇچ، تېتىتقۇ، تۇز، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.
3. قازانغا 500 گرام قۇيۇپ، 8 دەرىجە قىزىتىپ، بۆرەكنى سېلىپ 80 پىرسەنت پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.
4. قازاندا 35 گرام ياغ قالدۇرۇپ، سۇڭپىياز، پالەك، سامساقلارنى سېلىپ تېز قورۇپ، بۆرەكنى سېلىپ ئىككى - ئۈچ ئۆرۈپ، تەييارلانغان شورپىنى تۆكۈپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئازراقلا ئاچچىقسۇ، پىششىق ياغ سېپىپلا تەخسىگە
ئېلىنىدۇ.