چۈچۈمەل گۆش
ئۇيغۇر تائاملىرى
پىششىق قوي گۆشى 280 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، قىزىل لازا ئىككى شوخ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇڭپىياز بىر تال، جاڭيۇ ئازراق، كاۋاۋىچىن ئازراق، ئېرىتىلگەن قوي يېغى بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، پۇرچاق ئۇنى 50 گرام.
1. قوينىڭ پىششىق قوۋۇرغا گۆشىنى ئۇزۇنلۇقى تۆت سانتىمېتىر، كەڭلىكى ئىككى سانتىمېتىر قىلىپ پارچىلاپ، ئۈستىگە چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تۇز سېلىپ ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ؛ سۇڭپىياز بىلەن قىزىل لازا ئىنچىكە توغرىلىدۇ.
2. شورپىغا تۇز، جاڭيۇ، سوققان كاۋاۋىچىن، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا ياسىلىدۇ.
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ، 8~7 دەرىجە قىزىتىپ، قوۋۇرغا گۆشنى سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.
4. قازاندا 15 گرام ياغ قالدۇرۇپ، قىزىل لازا، سۇڭپىياز سېلىپ قورۇپ، گۆشنى سېلىپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە ئاچچىقسۇ چېچىپ، ئىككى قېتىم ئۆرۈپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.