بېلىقچە گۆش قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوي گۆشى بېلىقچە 280 گرام، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، تۇخۇم سېرىقى ئىككى دانە، سامساق ئىككى چىش، پۇرچاق ئۇنى 50 گرام، جاڭيۇ ئازراق، پالەك ئازراق، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، ئەبجەش ياغ 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1 . قوينىڭ سان گۆشىنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل ئۇزۇنچاق ئاق گۆشىنى (بۇ بېلىقچە گۆش ياكى ئاق گۆش دەپ ئاتىلىدۇ) ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ، قىيپاش، نېپىز، پالەكنى چوڭ ـ چوڭ، سۇڭپىياز نېپىز يالپاقلاپ توغرىلىدۇ.
2. توغرالغان گۆشكە تۇز، تېتىتقۇ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
3. چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تېتىتقۇ، جاڭيۇ، زەنجىۋىل سۈيى، تۇز سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.
4. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8~7 دەرىجە قىزىتىپ، گۆشنى سېلىپ، رەڭگى سارغايغىچە قورۇپ ئېلىنىدۇ.
5. قازاندا 15 گرام ياغ قالدۇرۇپ، سۇڭپىياز، سامساق، پالەكنى سېلىپ، ئىككى - ئۈچ قېتىم قورۇپ، گۆشنى سېلىپ ئىككى قېتىم ئۆرۈپ، تەييارلانغان شورپىنى تۆكۈپ ئارىلاشتۇرۇپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.