تاڭسۇق تۇرۇپ
ئۇيغۇر تائاملىرى
تۇرۇپ 500 گرام، ياغ 35 گرام، لازا تۆت تال، تۇز تۆت گرام، سوققان قارىمۇچ ئىككى يېرىم گرام، قىزىلگۈل تالقىنى بىر گرام.
1. تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ، ئالتە سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا قەلەمچە قىلىپ، ئىككى گرام، تۇزدا تۇزلاپ بەش مىنۇت دۈملىنىدۇ. ئاندىن سۈيىنى ساقىتىۋېتىپ قاچىغا ئېلىنىدۇ.
2. ياغنى چۈچۈتۈپ، لازا سېلىپ پۇرقى كەلگىچە قورۇلىدۇ. ئاندىن ياغنى سوۋۇتۇپ، لازىنى ئېلىۋېتىپ، ياغ، تۇز، قارىمۇچ، قىزىلگۈل تالقىنىنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن تۇرۇپ قەلەمچىسىگە قۇيۇپ تەييارلىنىدۇ.