شوۋىگۈرۈچ
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوينىڭ لوق گۆشى 140 گرام، سەۋزە ئىككى باش، پىياز بىر باش، پەمىدۇر بىر تال، قارىمۇچ ئازراق، گۈرۈچ 140 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇز مۇۋاپىق، يۇمغاقسۈت ئازراق.
. قوي گۆشىنى قوناقتەك ئۇششاق توغراپ، سوغۇق سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، يىغىلغان كۆپۈكلىرىنى ئېلىۋېتىپ، گۈرۈچ، كاۋاۋىچىن سېلىپ، تۇز قۇيۇپ قاينىتىپ، گۈرۈچ ئېتىلغاندىن كېيىن، ئۇششاق چانالغان پىياز، پەمىدۇر، سەۋزىنى سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ.
2. پىشقان شوۋىگۈرۈچىنى قاچىلارغا ئۇسۇپ، ئۈستىگە چانالغان يۇمغاقسۈتنى، قارىمۇچنى سېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.