بېلىق ئاسما كاۋاپ
ئۇيغۇر تائاملىرى
500 گراملىق بېلىقتىن بەش دانە، سامساق بىر باش، كاۋاۋىچىن ئازراق، سۇڭپىياز ئىككى تال، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، تۇز مۇۋاپىق، ئاچچىقسۇ ئازراق، سوققان زىرە ئازراق.
بېلىقنى قىرىپ، قاسىراقلىرىنى ئېلىپ پاكىزە ئادالاپ، ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇپ، ئۇنىڭغا كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل سۈيى، ئاچچىقسۇ، سامساق، سۇڭپىياز، تۇز، سوققان زىرە ئارىلاشتۇرۇپ بىر سائەت تىندۇرۇلىدۇ.
2. تونۇرنى قىزىتىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تىندۇرۇلغان بېلىقلارنى قاماققا ئىلىپ تونۇرغا ئېسىپ، يېرىم سائەت خۇيلاپ پىشۇرۇلىدۇ.