UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقورۇما پۇرچاق بوتقىسى

قورۇما پۇرچاق بوتقىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى پۇرچاق بوتقىسى ئىككى پارچە، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، پالەك ئازراق، شورپا 175 گرام، خاڭگا ئازراق، زەنجىۋىل بىر چىمدىم، سۇ يېغى 70 گرام، پىياز بىر باش، پەمىدۇر ئىككى دانە، كۈنجۈت يېغى ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاچچىقسۇ ئازراق. 1. ھەر بىر پارچە پۇرچاق بوتقىسىنى چاقماق قەنت شەكلىدە توغراپ، قايناق سۇغا سېلىپ چالا پىشۇرۇپ ئېلىپ، سۈيىنى ساقىتىپ قويۇلىدۇ. 2. قازانغا 35 گرام ياغ قۇيۇپ 7-6 دەرىجە قىزىتىپ، چانىغان پىياز، سوققان زەنجىۋىل سېلىپ سارغايتىپ، شورپا، تۇز، تېتىتقۇ سېلىپ، قاينىغاندا پۇرچاق بوتقىسى، پالەك سېلىپ، سۈيىگە پۇرچاق ئۇنى سېلىپ قويۇلدۇرۇپ، كۈنجۈت يېغى، ئاچچىقسۇ سېپىپلا تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
قورۇما پۇرچاق بوتقىسى | UyghurWiki | UyghurWiki