سىقماق ئاش
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوناق ئۇنى 500 گرام، رەيھان ياكى پىننە ئازراق، يېشىل ماش 250 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، چامغۇر 500 گرام، ياغ لازا مۇۋاپىق مىقداردا.
1.ماشنى تازىلاپ، سوغۇق سۇدا 4-3 قېتىم يۇيۇپ، ئىلمان سۇ بار قازانغا سېلىپ، پەس ئوتتا قاينىتىپ، ماش ئېتىلغاندا قەلەمچە قىلىپ توغرالغان چامغۇرنى سېلىپ 5-3 مىنۇت قاينىتىلىدۇ.
2. قوناق ئۇنىغا تۇز ۋە قايناق سۇ قۇيۇپ چىڭ يۇغۇرۇلىدۇ، خېمىرنى ئاليۇمىن (رو) چويلىنىڭ ئىچىگە سېلىپ، قايناۋاتقان قازاننىڭ ئۈستىگە تۇتۇپ تۇرۇپ، يەنە بىر قولدا چۆمۈچنىڭ كەينى بىلەن خېمىرنى قاتتىق باسسا، خېمىر چويلا تۆشۈكلىرىدىن ئۈگرىدەك چىقىپ قازانغا چۈشىدۇ (قىرغۇچ ياكى سىققۇچ بىلەن قىلسىمۇ بولىدۇ). ھەممە خېمىر قازانغا چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ مىنۇت قاينىتىپ، ئۇنىڭغا پىننە ياكى رەيھان سېلىپ قازاننى ئوتتىن ئېلىپ ئازراق تىندۇرۇپ، ئاندىن چىنىلەرگە ئۇسقاندا، تەييارلانغان ياغ لازىدىن خالىغانچە سالسىمۇ بولىدۇ. ياغ لازىنى سامساق ئارىلاشتۇرۇپ قىلغان ياخشى.