UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىمور - گۆش قورۇمىسى

مور - گۆش قورۇمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى سېمىز قوي گۆشى 175 گرام، تۇز، مۇۋاپىق مىقداردا، كۆپتۈرۈلگەن قارا مور 10 قۇلاق، جاڭيۇ ئازراق، سۇ يېغى 140 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، قىزىل لازا بىر شوخ، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، پالەك ئىككى كۈپ، سۇڭپىياز بىر تال، زەنجىۋىل بىر پارچە، سامساق تۆت چىش، شورپا 500 گرام. 1 . قوي گۆشىنى قاقتەك چوڭلۇقتا نېپىز توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز، كراخمال قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 2. مورنى پاكىز يۇيۇپ ئادالاپ، چوڭلىرى تىتىپ پارچىلىنىدۇ، قىزىل لازا كىچىك - كىچىك، پالەك چوڭ - چوڭ توغرىلىدۇ. 3. ساپلىققا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، تەييارلانغان گۆشنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ سۈزۈۋېلىنىدۇ. 4. ساپلىققا يەنە ئازراق ياغ قۇيۇپ سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، سامساق، لازا سېلىپ داغلاپ، ئۈستىگە توغرالغان قىزىل لازىنى سېلىپ قورۇپ، ئۈستىگە ئازراق شورپا قۇيۇپ، تەييارلانغان مور، گۆش، پالەكنى سېلىپ، تۇز، جاڭيۇ، تېتىتقۇ سېلىپ تەمىنى ياخشى تەڭشەپ، ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىپ ئىككى ئۆرۈپلا تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى