توخۇ باسقان پولۇ
ئۇيغۇر تائاملىرى
گۈرۈچ بىر كىلوگرام، پىياز بىر تال، تۇخۇ بىر دانە، سوققان زەرچىۋە بىر چىمدىم، سەۋزە 500 گرام، سوققان زىرە بىر چىمدىم، ياغ 250 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ، قائىدە بويىچە تازىلاپ، سەرەڭگە قېپىدەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ.
2. ياغنى 6-5 دەرىجە قىزىتىپ،، تۇخۇ گۆشىنى سېلىپ، كېيىن پىيازنى سېلىپ توق قىزارغىچە قورۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن سەۋزىنى سېلىپ قورۇپ سارغايتىپ، زىرە، قەلەمپۇرنى سېلىپ قايناق سۇ قۇيۇپ، پەس ئوتتا 40 ـ 30 مىنۇت سىم - سىم قاينىتىلىدۇ.
3. زىرۋەكنىڭ تۇز - تەمىنى تەڭشەپ، ئوتنى پەسەيتىپ، يۇيۇپ تەييارلانغان گۈرۈچنى سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ.
ئاشنىڭ سۈيى تۈگىگەندە 30 ـ20 مىنۇت دەملىنىدۇ. پولۇ پىشقاندىن كېيىن لېگەنلەرگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە توخۇ گۆشىنى بېسىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.