UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقوغۇن بەلىچى

قوغۇن بەلىچى

ئۇيغۇر تائاملىرى مارگىرىن ياكى سېرىقماي 200 گرام، قېتىق، شېكەر ئىككى ئاش قوشۇقتىن. قوغۇن ئىككى تىلىم، ئۇن مۇۋاپىق مىقداردا، سودا ئىككى بال قوشۇق. يۈزىگە سۈرتۈش ئۈچۈن: قوغۇن بىر تىلىم، قىزىل ئۈزۈم ھارىقى بىر ئاش قوشۇق، ئۇندەك سوقۇلغان شېكەر بىر ئاش قوشۇق، تۇخۇم بىر دانە. مارگىرىن ئېرىتىلىپ سوۋۇتۇلىدۇ. قېتىق، شېكەر، سودا پاراشوكى سېلىنىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. يېتەرلىك ئۇن سېلىپ، قاتتىقراق خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ، خېمىر 20 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ. 3. قوغۇن ئۇششاق توغرىلىپ، مېۋە ئېزىش ماشىنىسىغا سېلىنىدۇ ياكى پاكىز ئەمبەلدە كېپەكتەك چانىلىدۇ. قاچىغا ئېلىنىپ، قىزىل ئۈزۈم ھارىقى، سوقۇلغان شېكەر بىلەن ئوبدان ئارىلاشتۇرۇلۇپ، دۇخوپكىدىن چىققان تورتنىڭ يۈزىگە تۆكۈلىدۇ. ئەڭ ئۈستى قۇم شېكەر ۋە پىرەنىكلەر بىلەن پەردازلىنىپ، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى