UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىشېكەر سامسىسى

شېكەر سامسىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، قۇيرۇق ياغ 70 گرام، ئاق شېكەر 175 گرام، سودا ئازراق، ئېرىتكەن قوي يېغى 280 گرام، خېمىرتۇرۇچ ئازراق، قىزىلگۈل مۇرابباسى 35 گرام، كۆك، قىزىل رەڭ ھەرقايسىسىدىن ئازراق. 1. قۇيرۇق ياغنى ئۇزۇن، ئىنچىكە توغراپ، شېكەر، كۆك، قىزىل رەڭ، قىزىلگۈل مۇرابباسى ئارىلاشتۇرۇپ، شېكەر سامسا قىيمىسى يا سىلىدۇ. 2. خېمىرنى قاتلىما سامسا تەييارلاش ئۇسۇلى بويىچە تەييارلاپ، جىلت ئېچىپ، ئىچىگە شېكەر قىيمىسىنى سېلىپ، خالىغان شەكىلدە تۈگۈپ، دوخاپكىنىڭ لېسىنى ياغلاپ تىزىپ پىشۇرۇلىدۇ. ئەگەر دوخاپكا بولمىسا، تونۇرغا يېقىپ پىشۇرسىمۇ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
شېكەر سامسىسى | UyghurWiki | UyghurWiki