UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىئۈچەي ئۆرىمىسى

ئۈچەي ئۆرىمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى قوينىڭ ئىنچىكە ئۈچىيى بىر دانە، قارىمۇچ ئازراق، قوينىڭ قېرىنى بىر دانە، كۈنجۈت يېغى ئازراق، سۇڭپىياز ئىككى تال، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، شورپا 175 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 1. ئۈچەينى تەتۈر ئۆرۈپ پاكىز يۇيۇپ تەييارلىنىدۇ؛ قېرىننى قائىدە بويىچە تازىلاپ، ئىنچىكە ئۇزۇنچاق لېنتا شەكلىدە كېسىپ، ئۈچەينىڭ ئۈستىدىن ئوراپ، ئۈچەي ئۆرىمىسى تەييارلىنىدۇ. 2. ئۆرىمىنى قايناق سۇغا سېلىپ، يۇمشاق پىشۇرۇپ ئېلىپ، تۆت سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا توغراپ، چوڭقۇر قاچىدا قويۇلىدۇ. 3. قازانغا شورپا قۇيۇپ، تۇز، تېتىتقۇ، سوققان قارىمۇچ، چانالغان سۇڭپىياز سېلىپ تەييارلاپ، قاچىدىكى ئۈچەينىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، كۈنجۈت يېغى سېپىپ قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى