UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىكونا شورپىنىڭ ياسىلىشى

كونا شورپىنىڭ ياسىلىشى

ئۇيغۇر تائاملىرى بەش كىلوگرام قايناق سۇغا 140 گرام، تۇز 35 گرام، شاكال بەدىيان (داشاڭ سەككىز پۇت) 35 گرام، قوۋزاقدارچىن، 35 گرام چۈچۈكبويا (گەنساۋ)، ئازراق زەنجىۋىل، ئازراق كاۋاۋىچىن قاتالىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئارلاشتۇرۇلىدۇ. بەش كىلوگرام قايناق سۇغا 140 گرام، تۇز 35 گرام، شاكال بەدىيان (داشاڭ سەككىز پۇت) 35 گرام، قوۋزاقدارچىن، 35 گرام چۈچۈكبويا (گەنساۋ)، ئازراق زەنجىۋىل، ئازراق كاۋاۋىچىن قاتارلىق قاتتىق ماتېرىياللارنى داكىغا ئوراپ، تۇز بىلەن سۇدا بىر سائەت قاينىتىش، خوش پۇراق چىققاندىن كېيىن، كونا شورپىدا پىشۇرماقچى بولغان ماتېرىيال سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ. بۇ ئالاھىدە تەمدە ياسىلىدىغان سەيلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. ماتېرىيال پىشىپ بولغاندىن كېيىن شورپىسىنى بۇزۇۋەتمەي ياخشى ساقلاش لازىم. چۈنكى شورپا قانچە كونىرىسا، شۇنچە تەمى پۇراقلىق، شۇنچە قويۇق بولىدۇ. ئۇنىڭدا كونا شورپا بىر نەچچە قېتىم ماتېرىيال پىشۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭدىكى پۇراقلىق دورا - دەرمەكلەر كۈچىيىدۇ، تەمى كۈچلۈك بولغان كونا شورپىغا ئايلىنىدۇ. ئادەتتە ئىشلىتىدىغان كونا شورپىلارغا ئىشلىتىدىغان دورا - دەرمەكلەر يۇقىرىقى كونا شورپىغا ئىشلىتىدىغان دورا - دەرمەكلەرگە ئوخشايدۇ. بىراق بۇنىڭغا سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، ئېچىتقۇ قوشۇلىدۇ. بۇنىڭدا توخۇ گۆشى، ئۆردەك گۆشى، قوي گۆشى، كالا گۆشى ۋە يۇيۇپ تازىلانغان ئىچكى ئەزالىرىنى پىشۇرغىلى بولىدۇ. كونا شورپىدا پىشقان ماتېرىياللارنى توغراپ ئۈستىگە كونا شورپا سېپىپ، جوزىغا كەلتۈرۈلسە بولىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا كونا شورپىغا، تېتىتقۇ، ئاق شېكەر سېلىپ قاينىتىپ، شورپىنى قويۇقلاشتۇرۇپ پىشقان ماتېرىيالنىڭ ئۈستىگە سېپىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى