UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقۇرۇق قورۇلغان تاسمىبېلىق

قۇرۇق قورۇلغان تاسمىبېلىق

ئۇيغۇر تائاملىرى يېڭى تاسمىبېلىق بىر دانە، قۇرۇق ئۇن مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم بىر دانە، تۇز ، جاڭيۇ مۇۋاپىق مىقداردا، ئاقمۇچ ئازراق، ئۇۋاق قىزىل لازا، سېرىق ھاراق مۇۋاپىق مىقداردا. 1. تاسمىبېلىقنى پاكىز قىرىپ، يۇيۇپ، تازىلاپ، باش، قۇيرۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇزۇنلۇقىنى بەش سانتىمېتىر (يەنى بېلىقنىڭ تېنىنى تۈز قويۇپ، پىچاقنى قىيپاش سېلىپ توغرىساق كرېست شەكلىدە توغرىلىدۇ) قىلىپ توغرىلىدۇ. 2. توغرالغان بېلىققا ئازراق سېرىق ھاراق، تۇز، جاڭيۇ، بىر تال تۇخۇم، قۇرۇق ئۇن سېلىپ ئۇزاق تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 7~8 دەرىجىدىكى مايغا سېلىپ سېرىق رەڭگە كىرگەندە سۈزۈپ ئېلىپ تەخسىگە تىزىپ، ئۈستىگە ئاقمۇچ، تۇز، ئۇۋاق لازا سېپىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
قۇرۇق قورۇلغان تاسمىبېلىق | UyghurWiki | UyghurWiki