يەتتىلىك سوغۇق سەي
ئۇيغۇر تائاملىرى
يېسىۋېلەك 400 گرام، پىياز 100 گرام، تەرخەمەك 100 گرام، لازا 100 گرام، كەرەپشە 100 گرام، سەۋزە 100 گرام، شېكەر 300 گرام، ئاچچىقسۇ 50 گرام، تۇز 30 گرام، ئازراق قارىمۇچ، قەلەمپۇر 10 گرام، يۇمغاقسۈت ئىككى تال.
1. كۆكتاتلار ئادالىنىپ پاكىز يۇيۇلغاندىن كېيىن، يېسىۋېلەك، لازىنى چاسا شەكلىدە پىياز، تەرخەمەكنى قەلەمچە شەكلىدە توغرىلىدۇ. كەرەپشە ئۇزۇنىسىغا، سەۋزە يېرىق قىلىنىدۇ.
2. قازاندا سۇ قاينىتىپ توغرالغان كۆكتاتلارنى قايناق سۇغا تاشلاپ، بىر ئاز تۇرغۇزۇلىدۇ. ئاندىن دەرھال سۈزۈۋېلىپ، سوغۇق سۇغا چېلىنىدۇ. سوۋۇغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ، سۈيىنى ساقىتىۋېتىپ قاچىغا ئېلىنىدۇ.
3. قازانغا باشقىدىن سۇ قۇيۇپ، قاينىتىپ يۇمغاقسۈت، قەلەمپۇر، تۇز، قارىمۇچ سېلىپ 25 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا شېكەر، ئاچچىقسۇ قۇيۇلىدۇ. ئاندىن قايناتمىنى سوۋۇتۇپ، كۆكتات بار قاچىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇنى سالقىن جايدا بىر سوتكا تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.