ياسىما توخۇ گۆشى
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوي گۆشى 280 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇمنىڭ ئېقى ئىككى دانە، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، پۇرچاق ئۇنى 15 گرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، چىلىغان مور تۆت قۇلاق، ئېرىتىلگەن قۇيرۇق ياغ 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، سۇڭپىياز بىر تال، سامساق تۆت چىش.
1 . قوينىڭ سېنىدىن چىقىدىغان بېلىقچە (ئاق) گۆشتىن 280 گرامنى نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، سوغۇق سۇغا چىلاپ قېنىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، سىقىپ سۈيىنى ئېقىتىۋېتىپ، تەخسىگە ئېلىپ قويۇلىدۇ. سۇڭپىياز، سامساقلار نېپىز يالپاقلاپ توغرىلىدۇ.
2. گۆشكە ئىككى تۇخۇمنىڭ ئېقىنى، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل سۈيى، تېتىتقۇ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
3. بىر قاچىغا شورپا ئېلىپ، زەنجىۋىل سۈيى، تۇز، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.
4. قازانغا ياغ قۇيۇپ 4~3 دەرىجە قىزىتىپ، خۇرۇچلار بىلەن تەييارلانغان گۆشنى سېلىپ، گۆشنىڭ رەڭگى ئاقارغىچە پىشۇرۇپ ئېلىپ قويۇلىدۇ.
قازاندا 15 گرام ياغ قالدۇرۇپ، سامساق، سۇڭپىياز ۋە گۆشلەرنى سېلىپ قورۇپ، تەييارلانغان شورپىنى قۇيۇپ، ئىككى ئۆرۈپلا تەخسىگە ئېلىنىدۇ.