كاكچا نان
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بەش كىلوگرام، كۈنجۈت 70 گرام، سۇ ئىككى يېرىم كىلوگرام، سىيادان مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا پىياز تۆت باش.
شىرمەننانغا يۇغۇرۇلغاندەك خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغاندىن كېيىن 500 گراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، گىرۋىكى قېلىنراق، ئوتتۇرىسى نېپىزراق يۇپقا ۋە چوڭ نان ياساپ، يۈزىگە چەككۈچ چېكىپ تەييارلىنىدۇ.
2. پىيازنى ئۇششاق چاناپ، سىيادان، كۈنجۈت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ناننى تونۇرغا يېقىش ۋاقتىدا ناننىڭ يۈزىگە سۈركەپ، ئاندىن ناننى تونۇرغا يېقىپ پىشۇرۇلىدۇ.