UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىتۇخۇم شورپىسى

تۇخۇم شورپىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى تۇخۇم ئۈچ دانە، سامساق تۆت چىش، كۈنجۈت يېغى 20 گرام، ئاچچىقسۇ، سۇڭپىياز 35 گرامدن. پۇرچاق ئۇنى 20 گرام، پەمىدۇر 35 گرام، شورپا ياكى قايناقسۇ ئىككى كىلوگرام، پالەك 20 گرام، تېتىقۇ بىر چىمدىم. قازانغا شورپا ياكى قايناقسۇنى قۇيۇپ، ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىياز، پەمىدۇر، سامساقلارنى سېلىپ، تۇز، ئاچچىقسۇ بىلەن تەمىنى تەڭشەپ، پالەكنى چوڭ - چوڭ توغراپ سېلىپ، تۇخۇمنى چېقىپ سېلىپ، پۇرچاق ئۇنىنى سېلىپ، سۈيىنى قۇيۇلدۇرۇپ، كۈنجۈت يېغىنى تېمىتىپلا قاچىغا ئالىمىز.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى