UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىنوقۇت پولۇ

نوقۇت پولۇ

ئۇيغۇر تائاملىرى گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، قەلەمپۇر مۇۋاپىق، ياغ 500 گرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، گۆش بىر كىلوگرام، سۇ بىر يېرىم كىلوگرام، نوقۇت 500 گرام، پىياز 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق. 1. نوقۇت قازاندا بىر قېتىم قاينىتىلىپ، يۇمشىتىلغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىنىدۇ. گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ، تۇزلۇق سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇيۇپ، سۇغا بىر سائەت چىلىنىدۇ. گۆش 35 گرام چوڭلۇقتا، سەۋزە قوناقتەك چوڭلۇقتا، پىياز يالپاقلاپ توغرىلىدۇ. 2. قازانغا ياغ قۇيۇپ، ياغ ياخشى داغلانغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ، ئاندىن پىيازنى سېلىپ، پىياز سارغايغاندا توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ، تېز ئوتتا 15-10 مىنۇت قورۇپ، خۇرۇچلار يېرىم پىشقاندا تۇز قۇيۇپ يەنە قورۇپ، قايناق سۇ قۇيۇپ 20-15 مىنۇت قاينىتىپ، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن سېلىنىدۇ. ياخشى پىشۇرۇپ يۇمشىتىلغان نوقۇتنى سېلىپ ئۈستىگە گۈرۈچنى سېلىپ، گۈرۈچ بىلەن نوقۇت ئۇزۇن چىلاپ يۇمشىتىلغاچقا، سۇ كۆپ كەتمەيدۇ. گۈرۈچ بىلەن نوقۇت پىشقاندا ئاش 25 ـ 20 مىنۇت دەملىنىدۇ. ئاش دەم يېگەندىن كېيىن ئاشنى ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ لېگەنلەرگە ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. داستىخانغا تۇرۇپتىن قىلىنغان سوغۇق سەي ياكى قېتىق كەلتۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
نوقۇت پولۇ | UyghurWiki | UyghurWiki