UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىگۈل بۆرەك

گۈل بۆرەك

ئۇيغۇر تائاملىرى قوينىڭ بۆرىكى ئالتە تال، قارىمۇچ ئازراق، پۇرچاق ئۇنى 70 گرام، سوققان لازا ئازراق، سۇڭپىياز ئىككى تال، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، سامساق تۆت چىش، جاڭيۇ ئازراق، ھۆل خۇاڭخۇا سەي ئازراق، ئەبجەش ياغ 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، ھۆل مور تۆت قۇلاق، ئاچچىقسۇ ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 1. بۆرەكنىڭ سىرتقى پەردىسىنى سويۇۋېتىپ ئوتتۇرىسىنى يېرىپ، تومۇرلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئۈچ سانتىمېتىر كەڭلىكتە ئۇزۇنچاق يالپاقلاپ توغراپ، قىيپاچ تور شەكلىدە گۈل چىقىرىپ يەنە قەلەمچە توغرىلىدۇ. سۇڭپىياز ئۇزۇنچاق، سامساق نېپىز توغرىلىدۇ. 2. توغرالغان بۆرەككە تېتىتقۇ، تۇز، جاڭيۇ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، شورپىغا سوققان لازا، قارىمۇچ، تېتىتقۇ، تۇز، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ. 3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7 دەرىجە قىزىتىپ، بۆرەكنى سېلىپ، توق قىزىل رەڭگە كىرگىچە قورۇپ ئېلىنىدۇ. 4. قازاندا 35 گرام ياغ قالدۇرۇپ، سۇڭپىياز، سامساق، خۇاڭخۇا سەي، ھۆل مورلارنى سېلىپ، بوش قورۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، شورپا پىشقاندا بۆرەكنى سېلىپ ئىككى - ئۈچ قېتىم ئۆرۈپ، ئازراق پىششىق ياغ، ئازراق ئاچچىقسۇ سېپىپلا تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى