كوجا ئاش
ئۇيغۇر تائاملىرى
گۆش 500 گرام، يۇمغاقسۈت ئازراق،
ئاققوناق 200 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ياغ 70 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، پىياز بىر باش، زەنجىۋىل ئازراق، ياڭيۇ ياكى چامغۇر ئىككى باش.
1. ئاققوناقنى كېلى (چاناق)دا سوقۇپ، پوستىنى ياخشى ئاجرىتىش ئۈچۈن كېلىغا ئاز - ئازدىن سۇ قۇيۇلىدۇ. ئاققوناقنى ئاقلاپ تەييارلىغاندىن كېيىن، سوغۇق سۇدا يۇيۇپ سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ.
2. گۆشنى جىگدىدەك چوڭلۇقتا، پىيازنى ياپىلاق، ياڭيۇ ياكى چامغۇرنى كىچىك چاقماق شەكلىدە، يۇمغاقسۈتنى ئۇششاق توغرىلىدۇ.
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ داغلىغاندىن كېيىن گۆش ۋە پىيازنى سېلىپ قورۇپ، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن قاتارلىق دورا - دەرمەكلەر ۋە ئازغىنە تۇز سېلىپ، يەنە بىر نەچچە مەرتىۋە قورۇپ، سۇ قۇيۇپ قاينىتىلىدۇ. ئاندىن ئاقلانغان ئاققوناقنى سېلىپ 45 - 40 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۇپ، كېيىن توغرالغان ياڭيۇ ياكى چامغۇرنى سېلىپ 25 ـ20 مىنۇت قايناتسىلا بولىدۇ.
4. تاماق ئاساسەن پىشقاندا تۇز قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ، ئۇششاق توغرالغان يۇمغاقسۈتنى سېلىپ، قازاننى ئوتتىن ئېلىپ 6 ـ5 مىنۇت تۇرغۇزۇپ قاچىلارغا ئۇسۇلىدۇ.