ماش - گۈرۈچ پولۇسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، ياغ 500 گرام، يېشىل ماش 500 گرام، گۆش بىر كىلوگرام، قەلەمپۇر مۇۋاپىق، سەۋزە بىر يېرىم كىلوگرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، پىياز بىر تال، سۇ بىر يېرىم كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. ماش قازاندا بىر قېتىم قاينىتىلىپ يۇمشىتىلغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىنىدۇ. گۈرۈچ ياخشى تازىلىنىپ، سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇيۇلغاندىن كېيىن، ئىسسىق سۇغا بىر سائەت چېلىنىدۇ. گۆش 35 گرام چوڭلۇقتا، سەۋزە قوناقتەك چوڭلۇقتا، پىياز يالپاق توغرىلىدۇ.
2. قازان قىزىپ، ياغ ياخشى داغلانغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ، ئاندىن پىيازنى سېلىپ، پىياز قىزارغاندا، سەۋزىنى سېلىپ تېز ئوت بىلەن 15-10 مىنۇت قورۇپ، ئاندىن قايناق
سۇ قۇيۇپ 20 ـ 15 مىنۇت قاينىتىپ، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىننى سالىمىز. سەۋزىنى ياخشى پىشۇرۇپ، ماش ياكى نوقۇتنى سېلىپ ئۈستىگە گۈرۈچ سالىمىز. گۈرۈچ ئۇزۇن چىلىنىپ يۇمشىتىلغاچقا، سۇ كۆپ كەتمەيدۇ. گۈرۈچ پىشقاندا ئاش 25-20 مىنۇت دەملىنىدۇ. ئاش دەم يېگەندىن كېيىن ئاشنى كەپكۈر بىلەن ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ، تاۋاق - لېگەنلەرگە ئۇسۇلىدۇ. داستىخانغا تۇرۇبتىن قىلىنغان سوغۇق سەي ياكى سۈزمە قېتىق قوشۇپ كەلتۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.