بىلەزۈكسىمان ساڭزا
ئۇيغۇر تائاملىرى
تۇخۇم بىردانە، مارگىرىن 125 گرام، شېكەر 80 گرام، خېمىر تۇرۇچ پاراشوكى يېرىم ئاش قوشۇق، ئىلمان سۈت 150 گرام، شېكەر بىر ئاش قوشۇق، مۇۋاپىق مىقداردا ئۇن.
پىشۇرۇش ئۈچۈن: سۇياغ.
يۈزىگە: سوقۇلغان شېكەر.
1. تۇخۇم، مارگىرىن، شېكەر بىر قاچىدا تەكشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئىلمان سۈت ئۈستىگە تۆكۈلۇپ، ئىلەشتۈرۈلىدۇ. يېتەرلىك ئۇن سېلىنىپ، ئۇننىڭ ئۈستىگە خېمىر تۇرۇچ پاراشوكى چېچىلىدۇ. خېمىر يۇغۇرۇۋاتقاندا يەنە بىر ئاش قوشۇق شېكەر سېلىنىپ، يۇغۇرۇش داۋاملاشتۇرۇلىدۇ، يۇغۇرۇپ بولۇنغان خېمىر 20 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.
2. خېمىردىن 13 دانە زوۋۇلاپ تۇتۇلىدۇ.
3. زوۋۇلىلار چوكا شەكلىدە پىلتە قىلىنىدۇ.
4. خېمىرنىڭ ئىككى ئۇچى رەسىمدىكىدەك قىلىپ بىرلەشتۈرۈلىدۇ.
5. خېمىر چىگىلىدۇ.
6. خېمىرنىڭ ئۇچلىرى بىرى ئاستىدىن، بىرى ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەشمە بىلەزۈك شەكلى چىقىرىلىدۇ. پۈتۈن زوۋۇلىلار بىلەزۈك شەكلىگە كىرگۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، چۈچۈتۈلگەن سۇ ياغ بەك قىزىپ كەتمىگەندە پىشۇرۇش باشلىنىدۇ. ياغدا قىزىرىپ پىشىپ چىققان بىلەزۈكسىمان ساڭزىنىڭ يۈزىگە سوقۇلغان شېكەر سېپىلىپ، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.