شوۋىگۈرۈچ
ئۇيغۇر تائاملىرى
گۈرۈچ 500 گرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، قوينىڭ قۇيرۇق يېغى 140 گرام، پەمىدۇر ئىككى تال، تۇرۇپ 140 گرام، سۇڭپىياز بىر تال، قارىئۆرۈك قېقى 15 تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، يۇمغاقسۈت ئازراق.
1. گۈرۈچنى ئىسسىق سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇيۇلىدۇ. قوينىڭ قۇيرۇق يېغى بىلەن تۇرۇپ شېشىغال قىلىپ توغرىلىدۇ. قارىئۆرۈك قېقى پاكىز يۇيۇلىدۇ، يۇمغاقسۈت، پەمىدۇر، سۇڭپىيازلار ئۇششاق توغرىلىدۇ.
2. گۈرۈچنى قايناق سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، گۈرۈچ يېرىم پىشقاندا قۇيرۇق ياغ ۋە تۇرۇپنى سېلىپ پىشۇرۇپ، ئارقىدىن قارىئۆرۈك قېقى، پەمىدۇر، زەنجىۋىل سۈيى، تۇزنى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، 7-5 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ئاش پىشقاندا سۇڭپىيازنى ۋە يۇمغاقسۈتنى سېلىپ، چوڭ چىنىلەرگە ئۇسۇپ داستىخانغا قويۇلىدۇ.
بۇ ئاشنى ئۇستىخانلارنى قاينىتىپ ئېتىشكىمۇ بولىدۇ.