UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىئۈچ بۇرجەك قىيىقچا

ئۈچ بۇرجەك قىيىقچا

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، شېكەر 70 گرام، تۇخۇم ئىككى دانە، سۇ يېغى بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 105 گرام)، كاۋاۋىچىن سۇيى مۇۋاپىق مىقداردا. شېكەرنى ئازلا سۇدا ئېرىتىپ، تۇخۇمنى چېقىپ ئۇلارنى 35 گرام سۇ يېغى، ئازراق كاۋاۋىچىن سۇيى بىلەن داستىكى ئۇنغا قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. 2. خېمىر تىنغاندىن كېيىن نېپىز يېيىپ، قىيىقچا بىلەن چىشلىق ئۈچ بۇرجەك ياكى خالىغان شەكىلدە كېسىپ تەييارلىنىدۇ. 3. كېسىلگەن قىيىقچىلارنى 5-6 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى