زاغرا نان
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوناق ئۇنى بەش كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ ئىككى يېرىم كىلوگرام، ئاق ئۇن 500 گرام، ئاش كاۋىسى بىر كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام.
قوناق ئۇنىغا تۇز قۇيۇپ، قىزىق سۇدا خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر سوۋۇغاندا خېمىرتۇرۇچ، ئۇششاق توغرالغان كاۋا ئارىلاشتۇرۇپ، بىر سائەت قويۇپ بولدۇرۇلىدۇ. ئاندىن 140-200 سەر چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ ئاق ئۇندا
قۇرغۇنلاپ، ئىككى سانتىمېتىر قېلىنلىقتا نان ياساپ، يۈزىگە پىچاق ياكى تۈكچە بىلەن چاپراس بەلگە
ئۇرۇلىدۇ.
2. قىزىتىلغان تونۇرغا يېقىپ جۆۋەندە نانغا ئوخشاش قىلىپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولىدۇ. بۇ ناننى جەنۇبىي شىنجاڭدا سۇ ۋە تۇز بىلەن يۇغۇرۇپ خېمىرنى بولدۇرمايمۇ ياقىدۇ.