بۆرەك كاۋىپى
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوينىڭ بۆرىكى 10 تال، سوققان زىرە مۇۋاپىق، پىياز ئىككى باش، سوققان لازا مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق ئۇن 35 گرام، قارىمۇچ ئازراق.
1. بۆرەكنى ئۆز يېغى بىلەن ئوتتۇرىسىدىن ئىككى پارچە قىلىپ يېرىپ، ئىچىدىكى ئاق تومۇرلىرىنى ئېلىۋېتىپ ئۈستىگە ئۇششاق چانالغان پىياز، تۇز، زەنجىۋىل سۈيى ۋە ئۇن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككى تال زىخقا ئۆتكۈزۈپ، كاۋاپدانغا قويۇپ، ئۈستىگە تۇز، لازا، قارىمۇچ زىرە سېپىپ، ئىككى تەرىپىنى ئۆرۈپ، يەنە يۇقىرىقى ماتېرىياللارنى سېپىپ پىشۇرۇلىدۇ.