قايماقلىق تەرخەمەك
ئۇيغۇر تائاملىرى
تەرخەمەك بىر تال، پەمىدۇر بىر تال، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، تۇز بىر گرامدىن، قايماق 25 گرام، شېكەر بەش گرام، ئازراق ئاچچىقسۇ.
1. تەرخەمەكنى پاكىز يۇيۇپ قەلەمچە قىلىپ، قارىمۇچتىن ئازراق، تۇزدىن ئازراق سېپىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئاندىن پەمىدۇرنىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ قەلەمچە قىلىپ، تەرخەمەك قەلەمچىسى ئۈستىگە قۇيۇپ ھەمدە قايماققا ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرۇپ قەلەمچىلەرگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.