UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىسىيادانلىق بولكىلار

سىيادانلىق بولكىلار

ئۇيغۇر تائاملىرى ياش خېمىرتۇرۇچ 20 گرام، شېكەر ئىككى ئاش قوشۇق، ئىلمان سۇ 80 گرام، تۇخۇم بىر دانە، قېتىق، سۈت 80 گرام، مارگىرىن 10 گرام، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، ئۇن، سىيادان. خېمىرتۇرۇچ، شېكەر ۋە ئىلمان سۇ بىر قاچىدا ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، خېمىرتۇرۇش كۆز - كۆز بولۇپ كۆپۈپ چىققۇچە، تەخمىنەن 10 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ. 2. تۇخۇم سېرىقى ئايرىپ قالدۇرۇلۇپ، ئېقى ئېرىتىلگەن مارگىرىن بىلەن كىرىم قىيام ھالىتىگە كەلگۈچە چېلىپ كۆپتۈرۈلىدۇ. سۇياغ، قېتىق، سۈت ۋە تۇز قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. يېتەرلىك ئۇن سېلىپ يۇمشاق خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ، يۈزىگە نەم داستىخان يېپىپ، ئىسسىق يەردە 1 ~ 2 سائەت بولدۇرۇلىدۇ. 3. خېمىردىن تۇخۇم چوڭلۇقىدا زوۋۇلا تۇتۇلۇپ، خالىغان شەكلىدە بولكا راسلىنىدۇ، ياغلانغان لېسقا تىزىلىپ، 15 ~ 20 مىنۇت يەنە تىندۇرۇلىدۇ. ئايرىۋالغان تۇخۇم سېرىقى كىچىك بولكىلارنىڭ يۈزىگە سۈرتۈلۈپ، سىيادانلار سېپىلىدۇ. 180 گرادۇسقا توغرىلانغان دۇخوپكىدا يۈزى قىزارغۇچە پىشۇرۇلىدۇ. ئامال بار ئىسسىق پېتى داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
سىيادانلىق بولكىلار | UyghurWiki | UyghurWiki