دۈملىمە تال
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوينىڭ تېلى ئالتە تال، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، قۇيرۇق ياغ 500 گرام، تۇخۇم بىر دانە، ئەبجەش ياغ ئازراق، زىرە ئازراق، قارىمۇچ ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز بىر باش.
1. قوي تېلىنىڭ كېسىلگەن يېرىدىن ئىچىدىكى گۆشلىرىنى ئېلىۋېتىپ، تۇز سۈيىگە چىلاپ قويۇلىدۇ.
2. قۇيرۇق ياغنى ئۇششاق توغراپ، ئۇششاق توغرالغان پىياز، سوققان قارىمۇچ، زىرە، تۇز، تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. 3. تالنى ئىسسىق سۇدا چايقىۋېتىپ، ئىچىگە قىيما تولدۇرۇپ، تۇخۇمنىڭ ئېقى، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان
قويۇق شىرە بىلەن تالنىڭ ئاغزىنى يەملەپ، قاسقانغا قويۇپ 25~20 مىنۇت دۈملەپ پىشۇر
ۇلىدۇ.
بۇنى قاسقاندا دۈملىمەستىن، قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ پىشۇرسىمۇ بولىدۇ. سۇدا پىشۇرغاندا، تال يېرىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بىر قانچە يېرىگە يىڭنە سانجىپ قويۇش كېرەك. تال قېتىشقاندا سۇدىن سۈزۈپ ئېلىپ، تاۋىغا سېلىپ ھەر ئىككى تەرىپىنى ئوخشاش قاقلاپ بولۇپ، چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ 15~10 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان تالنى يالپاق توغراپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.