UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىشىرى كاۋاپ

شىرى كاۋاپ

ئۇيغۇر تائاملىرى قوينىڭ لوق گۆشى ئىككى كىلوگرام، تۇخۇم بەش دانە، تۇز مۇۋاپىق، ئاق ئۇن ئازراق، سوققان زىرە مۇۋاپىق، سۇ 500 گرام، سوققان لازا ئازراق. 1. گۆش زىخ كاۋاپنىڭكىدەك توغرىلىدۇ؛ ئۇنىڭغا ئىككى تۇخۇمنى چېقىپ، ئازراق تۇز سېلىپ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر تال زىخقا بەش تال گۆش ئۆتكۈزۇلىدۇ. 2. قالغان تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇن، سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، سۇيۇق شىرە ياسىلىدۇ. ئاندىن زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن گۆشنى كاۋاپدانغا قويۇشتىن بۇرۇن تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ كاۋاپدانغا قويۇپ، خۇددى زىخ كاۋىپىنى پىشۇرغاندەك پىشۇرۇلىدۇ. دىققەت: ① دورا - دەرمەكلەرنىڭ سېلىنىشى مۇۋاپىق بولۇشى لازىم. زىرە كاۋاپ پىشاي دېگەندە سېپىلسە مۇۋاپىق؛ ② بۇ كاۋاپنىڭ گۆشى شىرىگە چىلانغاچقا، ئوتنى ئىتتىكلەتمەي پىشۇرۇش كېرەك. ئوت ئىتتىك بولسا، تېشى پىشىپ، ئىچى خام قالىدۇ؛ ③ ئاق ئۇن ئورنىغا قوناق ئۇنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى