UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىناۋات كۇمۇلەك

ناۋات كۇمۇلەك

ئۇيغۇر تائاملىرى قوينىڭ چاۋا يېغى 200 گرام، ناۋات بىر كاللەك، پۇرچاق ئۇنى 105 گرام، كۆك، قىزىل رەڭ ئازراق، تۇخۇم ئۈچ دانە، ئەبجەش ياغ بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 70 گرام). 1. چاۋا ياغنى ئۇششاق چاناپ، ئۇنىڭغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تۇخۇم قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما ياسىلىدۇ. قىيمىدىن كىچىك كۇمۇلەكلەرنى ياساپ، ھەربىر كۇمۇلەكنىڭ ئىچىگە ئۈكچىدەك ناۋات پارچىلىرىنى ئېلىپ، يەنە كۇمۇلەك قىلىپ تەييارلىنىدۇ. 2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8 دەرىجە قىزىتىپ، تەييارلانغان كۇمۇلەكلەرنى ياغقا سېلىپ پىشۇرۇپ، لەيلەپ چىققاندا سۈزۈپ ئېلىپ تەخسىگە تىزىلىدۇ، ئاندىن ئۈستىگە ئاق شېكەر، كۆك، قىزىل رەڭ سەپسەكلا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى