UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقىيما كۇمۇلەك

قىيما كۇمۇلەك

ئۇيغۇر تائاملىرى قوي گۆشى 280 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، كۈنجۈت يېغى ئازراق، سۇڭپىيازنىڭ ئېقى بىر تال، سۇ يېغى 500 گرام، پۇرچاق ئۇنى ئازراق (خورايدىغىنى 70 گرام)، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 1. گۆشكە ئازراق سۇڭپىيازنى ئارىلاشتۇرۇپ (ئائىلىلەردە چانىلىدۇ)، ئىككى تۇخۇمنى چېقىپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، سوققان كاۋاۋىچىن، تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلاپ، ئۇنىڭدىن كىچىك - كىچىك كۇمۇلەك ياسىلىدۇ. 2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 6-5 دەرىجە قىزىتىپ، قازاننى ئوچاقتىن ئېلىپ، تەييارلانغان كۇمۇلەكنى كۈنجۈت يېغى بىلەن ياغلاپ، كىچىك توقاچ قىلىپ، ياغقا سېلىپ، رەڭگىنى سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ (پىشۇرۇش جەريانىدا ياغ سوۋۇپ قالسا، قازاننى ئوتقا قويسا بولىدۇ). 3. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، ئازراق سۇڭپىيازنىڭ ئېقىنى سېلىپ قورۇپ، پىشۇرۇلغان كۇمۇلەكنى سېلىپ ئىككى قېتىم ئۆرۈپلا تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
قىيما كۇمۇلەك | UyghurWiki | UyghurWiki