UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىئاقمۇچلۇق تەرخەمەك

ئاقمۇچلۇق تەرخەمەك

ئۇيغۇر تائاملىرى تەرخەمەك 450 گرام، تۇز بەش گرام، ئاقمۇچ بىر گرام، قىچا يېغى 50 گرام، ئۇن 250 گرام، خېمىرتۇرۇچ، قوي يېغى ۋە سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 1. تەرخەمەكنى ئاقلاپ يۇيغاندىن كېيىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى سانتىمېتىر كەڭلىكى بارماقتەك قىلىپ توغرىلىدۇ. 2. قاينىغان سۇغا توغرالغان تەرخەمەكنى سېلىپ، ئاندىن قاچىغا ئېلىپ تۇز، ئاقمۇچ قوشۇلىدۇ. 3. بىر قاچىغا ئۇن ئېلىپ ئۇماچ قىلىپ، ئۇنىڭغا ياغ، خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 4. قازانغا 50 گرام قىچا يېغى قۇيۇپ چۈچۈگەندىن كېيىن توغرالغان تەرخەمەكنى ۋە ئۇن چېلىنمىسىنى سېلىپ قاتقانغا قەدەر قورۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاقمۇچلۇق تەرخەمەك | UyghurWiki | UyghurWiki