UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىلازا تولدۇرمىسى

لازا تولدۇرمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى كۆك قاپاق لازا 20 تال، پۇرچاق ئۇنى 35 گرام، لوق قوي گۆشى بىر كىلوگرام، كۈنجۈت يېغى ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، پىياز ئازراق، زىرە ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، قارىمۇچ ئازراق. 1 . گۆشنى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ ياكى ئۇششاق چاناپ، ئىسسىق سۇ يېدۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق چانالغان پىياز، سوققان قارىمۇچ، زىرە ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ، پىششىق قىيما تەييار لىنىدۇ؛ تۇخۇم، تۇز، كۈنجۈت يېغى بىلەن پۇرچاق ئۇنىدا تۇخۇم شىرىسى ياسىلىدۇ. 2. ئوتتۇرا چوڭلۇقتىكى كۆك لازىنى تاللاپ ئېلىپ، ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇپ، بېغى تەرەپتىن كېسىپ ئۇرۇق ۋە ئاچچىق تومۇرلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئىچىگە تەييارلانغان پىششىق قىيمىنى تولدۇرۇپ، ئاغزىنى تۇخۇم شىرىسى بىلەن يەملەپ تەييارلىنىدۇ. 3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7-6 دەرىجە قىزىتىپ، قىيمىلىق لازىنى سېلىپ بوش قورۇپ، تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
لازا تولدۇرمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki