UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىئالما تورتى

ئالما تورتى

ئۇيغۇر تائاملىرى ئالما بىر دانە، ئۇن 100 گرام، سودا بىر بال قوشۇق، تۇز، ئۇندەك سوقۇلغان قوۋزاقدارچىن يېرىم بال قوشۇق، لىموننىڭ پوستى بىر دانە، مارگىرىن، شېكەر 150 گرامدىن. تۇخۇم ئۈچ دانە، قۇرۇق ئۈزۈم 70 گرام. ئۈزۈملەر ساپلىرىدىن ئاجرىتىلىپ، ئىسسىق سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ. ئالمىنىڭ شۆپۈكى ئاقلىنىپ، 1 ~ 3 قولچىلىك قېلىنلىقتا توغرىلىنىدۇ. ئۇن، سودا، تۇز ۋە قوۋزاقدارچىنلار ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. لىموننىڭ شۆپۈكى كېپەكتەك چانىلىپ، بۇ ئارىلاشمىغا قوشۇلىدۇ، تۇخۇم، شېكەر ۋە مارگىرىنلارمۇ قېتىلىدۇ. بۇلار مېۋە ئېزىش ماشىنىسىغا سېلىنىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئاندىن سۇغا چىلاپ قويۇلغان قۇرۇق ئۈزۈم ۋە توغرالغان ئالمىلارمۇ بۇ ماشىنىغا سېلىنىپ، تەكرار ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. كىچىكرەك بىر لېس (گۈل شەكىللىك لېس بولسا تېخىمۇ ياخشى) ياغلىنىدۇ، خېمىر ئۇنىڭغا تۆكۈلىدۇ. لېسنىڭ ئېغىزى ئاليۇمىن قەغەز بىلەن قاپلىنىپ، دۇخوپكىدا پىشۇرۇلىدۇ. ئۈستىگە ئېرىتىلگەن شاكىلات تۆكۈلۈپ، داستىغا كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
ئالما تورتى | UyghurWiki | UyghurWiki