كاۋاپلىق پولۇ
ئۇيغۇر تائاملىرى
گۈرۈچ 25 كىلوگرام، پىياز ئىككى يېرىم كىلوگرام، قوي ياكى كالا گۆشى يەتتە يېرىم كىلوگرام، زەرچىۋە بىر چىمدىم، سەۋزە 15 كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق، ياغ بەش كىلوگرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، سوققان لازا مۇۋاپىق.
1. سەۋزىنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ، گۆش، پىياز يالپاقلاپ توغرىلىدۇ.
گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ ئىسسىق سۇغا تۇز قۇيۇپ، 4-3 قېتىم يۇيۇپ، ئىلمان سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ.
2. ياغنى داغلاپ، پىيازنى سېلىپ قورۇپ، ئۈستىدىن سەۋزىنى سېلىپ 3-2 مىنۇت قورۇغاندىن كېيىن قازانغا تۇز، سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ
پىشقاندىن كېيىن ئوتنى پەسەيتىپ، قازاننىڭ قاينىشىنى توختىتىپ، گۈرۈچ تەكشى سېلىپ، قازاننى تەكشى قاينىتىپ، گۈرۈچنى ياخشى پىشۇرۇلىدۇ. قازاننىڭ سۈيى تۈگىگەندە ئاش 30-20 مىنۇت دەملىنىدۇ.
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8-7 دەرىجە قىزىتىپ، كراخمالغا ئارىلاشتۇرۇلغان گۆشنى سېلىپ ياغدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ياغنى قىزىتىپ، ياغدىن ئۆتكۈزۈپ تەييارلانغان گۆشنى تۇز سېلىپ قورۇپ، ئېلىش ۋاقتىدا ئازراق زىرە سېپىپ، ئىككى ئۆرۈپلا بىر قاچىغا ئېلىنىدۇ.
4. دەم يېگەن ئاشنى ئايرىم تەخسىلەرگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە ئازراقتىن كاۋاپ قوندۇرۇپ
ئاچىقسىمۇ ياكى چوڭ لېگەنلەرگە ئۇسۇپ ياغدا پىشۇرۇلغان گۆش كۇمىلىچىنى قوندۇرۇپ
ئاچىقسىمۇ بولىدۇ. بۇ كۇمىلاچ پولۇ دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇنىڭ باشقا ئۇسۇللىرى كاۋاپلىق پولۇغا ئوخشايدۇ.