چاۋا ياغ تۈرمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوينىڭ چاۋا يېغى 140 گرام، پۇرچاق ئۇنى مۇۋاپىق، توخۇ گۆشى 105 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇخۇم ئۈچ دانە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇڭپىياز بىر تال، كۆيدۈرۈلگەن قوي يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام).
1. قوينىڭ چاۋا يېغىنىڭ نېپىز قىسمىنى ئېلىپ، قايناق سۇغا بېسىپ خام تەمىنى چىقىرىۋېتىپ، قاسقانغا ياكى جىمبىلگە سېلىپ دۈملەپ يۇمشىتىلىدۇ.
2. توخۇ گۆشىنى، سۇڭپىيازنى ئىنچىكە توغراپ، تۇز تېتىتقۇ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ، پىششىق قىيما تەييارلىنىدۇ.
3. تۇخۇمنى چېقىپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق تۇخۇم شىرىسى يا
سىلىدۇ.
4. تەييارلانغان پىششىق قىيمىنى چاۋا ياغنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىتىپ، چاۋا ياغ بىلەن قوشۇپ ئۇزۇنچاق تۈرمەل قىلىپ، ئىككى بېشىنى تۇخۇم شىرىسى بىلەن چاپلاپ، ئىككى سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا توغراپ قويۇلىدۇ.
5. قازانغا ياغ قۇيۇپ بەشىنچى دەرىجە ئوتتا قىزىتىپ، توغرالغان تۈرۈلمىنى تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ، ياغقا سېلىپ، چېچەكلەپ چىققىچە پىشۇرۇپ، لەيلەپ چىققاندا سۈزۈپ ئېلىپ تەخسىگە تىزىپ، ئۈستىگە سوققان كاۋاۋىچىن، تۇز سېپىلىدۇ.