UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقىيما كۆمەچ

قىيما كۆمەچ

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، زىرە ئازراق، سۇ 500 گرام، قارىمۇچ ئازراق، گۆش 500 گرام، خېمىرتۇرۇچ ئازراق، پىياز ئىككى باش، تۇز ئازراق. 1. گۆش بىلەن پىيازنى ئۇششاق توغراپ، سوققان قارىمۇچ، زىرە، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. 2. خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغاندا 175 گراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، ئەتراپىنى نېپىز، ئوتتۇرىسىنى قېلىنراق قىلىپ جىلتا ئېچىپ، ئىچىگە قىيما سېلىپ، تۆت بۇرجەك سامسا شەكلىدە ياكى يۇمىلاق تۈگۈپ، قۇرۇق ئۇن بىلەن قوغۇنلاپ، ئوتۇن قالىغان ئوچاقنىڭ ياكى تونۇر ئاستىغا قويۇپ، قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدۇ. ھازىر دۇخاپكىدا پىشۇرۇش ئومۇملاشتى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
قىيما كۆمەچ | UyghurWiki | UyghurWiki