قايماق چۆپ
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ياش قايماق 140 گرام، سۇ 280 گرام، تۇخۇم ئىككى دانە.
1. قاچىدىكى ئۇنغا تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز قۇيۇپ چىڭ خېمىر يۇغۇرۇپ، 10 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن نېپىز يېيىپ، ئۇزۇنلۇقى ئالىقاننىڭ يېرىمىدەك، كەڭلىكى ئۈچ قولدەك قىلىپ كېسىلىدۇ.
2. كېسىلگەن چۆپنى قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ، 10 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئېلىپ ئىلمان سۇدا چايقاپ، لېگەنگە بىر قەۋەت چۆپنى تىزىپ ئۈستىنى قايماق بىلەن ياغلاپ، يەنە چۆپنى تىزىپ ئۈستىنى ياغلاپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.