ئۈجمە ھالۋىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن 70 گرام، ئېرىتكەن قوي يېغى 175 گرام، پىشقان ئۈجمە ئىككى كىلوگرام ، قايناق سۇ بىر كىلوگرام، قىزىلگۈل مۇرابباسى 70 گرام.
ئىككى جىڭ سۇنى قازاندا قاينىتىپ، ئۈجمىنى پاكىز تازىلاپ، قازانغا سېلىپ پەس ئوتتا 35 - 30 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ئۈجمە تولۇق ئېزىلگەندە، ئۈجمىنى داكىغا ئېلىپ سىقىپ شەربىتىنى چىقىرىپ، ئاندىن يەنە پەس ئوتتا 25 - 20 مىنۇت سىم - سىم قاينىتىپ، ئۈجمىنىڭ سۈيىنى پارغا ئايلاندۇرۇۋېتىپ، شىرنىسى قالدۇرۇلىدۇ.
2. ياغنى داغلاپ ئۇن سېلىپ سارغايتىپ، قورۇپ، ئۇن بوش سارغايغاندا ئۈجمە شىرنىسى بىلەن ئېرىتىلگەن قىزىلگۈل مۇرابباسىنى سېلىپ، پەس ئوتتا دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.