قاقلاپ پىشۇرۇلغان راك
ئۇيغۇر تائاملىرى
يېڭى، چوڭ راك 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق، كەرەپشە ئىككى تال، تېتىتقۇ ئازراق، سۇ يېغى 200 گرام، شېكەر ئازراق، يېمەكلىك قىزىل رەڭ ئازراق، شورپا ئازراق، سېرىق ھاراق ئازراق، كۈنجۈت يېغى ئازراق، پىياز بىر باش.
. راكنى پاكىز تازىلاپ، قۇم خالتىسىنى ئېلىۋېتىپ پاكىز يۇيۇپ، چوڭقۇر قاچىغا سېلىنىدۇ. ئۇنىڭغا تۇز، سېرىق ھاراق قۇيۇپ 20-25 مىنۇت تەملەندۈرۇلىدۇ.
2. كەرەپشىنى قايناق سۇغا بېسىپ سوۋۇتۇپ قويۇلىدۇ. پىياز، زەنجىۋىلنى ئۇششاق
چانىلىدۇ.
3. ساپلىقتا ماي قۇيۇپ 7-8 دەرىجە قىزىتىپ راكنى سېلىپ، تەكشى سارغايتىپ سۈزۈپ
ئېلىنىدۇ.
4. ساپلىقنى تازىلاپ، ماي قۇيۇپ چانالغان پىياز، زەنجىۋىلنى سېلىپ قورۇپ، شورپا، تېتىتقۇ، سېرىق ھاراق قاتارلىقلارنى تۆكۈپ بوشراق قاينىتىپ، راكنى سېلىپ يەنە قاينىتىپ، سۈيى قويۇقلاشقاندا ئازراق يېمەكلىك قىزىل رەڭ قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنجۈت يېغى تېمىتىپ تەخسىگە رەتلىك تىزىپ چۆرىسىگە كەرەپشە تىزىپ زىياپەتكە ئېلىپ چىقىرىلىدۇ