تاۋۇز شورپىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
3 ~ 4 كىلوگراملىق تاۋۇز بىر دانە، ناۋات ياكى ئاق شېكەر 11 گرام.
ناۋات ئىشلەتسەك، ئۇنى يۇمشاق سوقىمىز. شېكەر شۇ پېتى سېلىنىدۇ.
2. تاۋۇزنىڭ ئۈستىنى پاكىز سۈرتۈۋېتىپ، ئىلمان سۇدا يۇيۇپ، ئۈستىگە بىرەر چىرايلىق نەرسىنىڭ رەسىمىنى گۈل قىلىپ سىزىمىز. ئاندىن تاۋۇزنىڭ ساپىقى تەرىپىدىن سپاىقى بىلەن قوشۇپ، دۈگىلەك شىنەك ئويۇپ، تاۋۇزنىڭ ئىچىنى قوشۇق بىلەن قىرىپ بوشىتىپ، سوققان ناۋات ياكى شېكەرنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئويۇلغان شىنەكنى يەنە ئۆز جايىغا كەپلەپ، 4 ~ 6 سائەت تۇرغۇزىمىز.
تاۋۇزنى لىگەنگە ئېلىپ داستىخانغا قويىمىز ۋە ھەربىر كىشى ئالدىغا بىردىن قوشۇپ قويىمىز.