UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىبەش خىل مېغىزلىق گۆش تۈرمىلى

بەش خىل مېغىزلىق گۆش تۈرمىلى

ئۇيغۇر تائاملىرى قوي گۆشى 200 گرام، تېتىتقۇ ئازراق، بەش خىل مېغىز قىيمىسى 35 گرام، سېرىق ھاراق ئازراق، پەمىدۇر قىيامى ئازراق، قارىمۇچ ئۇنى ئازراق، تۇز مۇۋاپىق، كراخمال مۇۋاپىق، تۇخۇم ئىككى دانە. 1 . گۆشنى نېپىز توغراپ، دورا - دەرمەكلەرنى سېلىپ تەم كىرگۈزۈپ، بەش خىل مېغىز قىيمىسىنى سېلىپ تۈرمەل تۈگۈپ تەييارلىنىدۇ. 2. تۇخۇمنى چېقىپ ساپ تۇخۇم ئۇمىچى ياساپ، تۈرمەلنى ئۇماچقا چىلاپ، 6~7 دەرىجىدە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ، سارغايتىپ سۈزۈپ ئېلىپ ئىككى قېتىم يەنە ياغقا سېلىپ توق سارغايتىپ سۈزۈپ ئېلىنىدۇ. 3. پەمىدۇر قىيامىنى قازانغا قۇيۇپ قورۇپ، پارقىراتما ياغ تېمىتىپ، گۆش تۈرمىلىرىنى سېلىپ ئۆرۈپ، تۈرمەلنى سۈزۈپ ئېلىپ تەخسىگە تىزىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
بەش خىل مېغىزلىق گۆش تۈرمىلى | UyghurWiki | UyghurWiki