UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىمېغىزلىق پىرەنىك

مېغىزلىق پىرەنىك

ئۇيغۇر تائاملىرى قارا شېكەر 150 گرام، سوقۇلغان خاسىڭ مېغىزى 300 ~ 400 گرام، ياڭاق مېغىزى ۋە بادام مېغىزلىرى ئارىلاشمىسى، كاكائو پاراشوكى ئىككى ئاش قوشۇق، تۇخۇم ئۈچ دانە، كىرىم 200 ~ 300 گرام، ئېرىتىلگەن سۈتسىز شاكىلات 100 گرام، ئېرىتىلگەن مارگىرىن 150 گرام. يۈزىگە سېپىش ئۈچۈن: شاكىلات قىرىندىسى 200 گرام، كىرىم 1 ~ 3 پىيالە، توغرالغان ياڭاق مېغىزى 2 ~ 3 پىيالە. 1. دۇخوپكا 180 گرادۇسقا توغرىلىنىپ قىزىتىپ قويۇلىدۇ. 20×30 سانتىمېتىرلىق سوقىچاق لېس ياغلىنىدۇ. لېسنىڭ ئۈستىگە يەنە ياغلىق قەغەز قويۇلىدۇ. قەغەزنىڭ لېستىن ئارتۇق كەلگەن قىسمى سىرتىغا قايرىپ قويۇلىدۇ. 2. شېكەر، ئۇن، تۇخۇملار، سوقۇلغان ياڭاق مېغىزى، خاسىڭ مېغىزى، بادام مېغىزى، شاكىلات، كىرىم ۋە مارگىرىنلار تۇخۇم كۆپتۈرۈش ماشىنىسىغا سېلىنىدۇ، ئاندىن ھەممىسى ئارىلىشىپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلگۈچە ئوبدان ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 3. بۇ ئارىلاشما تەييارلاپ قويۇلغان لېسقا تۆكۈلىدۇ. يۈزى پىچاق بىلەن تۈزلىنىدۇ، ئاندىن دۇخوپكىدا 35 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ، دۇخوپكىدىن چىققاندىن كېيىن لېستا تۇرغۇزۇپ، ئون مىنۇت سوۋۇتۇلىدۇ. 4. شاكىلات ۋە كىرىم كىچىك بىر كورىدا ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. سۇس ئوتتا شاكىلاتلار ئېرىپ قويۇق قىيام ھالىتىگە كەلگۈچە پىشۇرۇلىدۇ. بىر ئاز سوۋۇتۇلۇپ، لېستىكى خۇرۇچنىڭ يۈزىگە سۈرتۈلىدۇ. ئەڭ ئۈستىگە توغرالغان ياڭاق مېغىزى چېچىلىدۇ، تۆت چاسا تىلىملاپ تەخسىگە تىزىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى